ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى

كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى 

قىسقىچە چۈشەنچە 

 

 (企业食品生产许可) كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ (QS) بەلگىسى بار بولغان مەھسۇلاتلار دۆلەتنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىشى ۋە ئۆلچەمگە يېتىشى ، شۇنداقلا ئەڭ تۆۋەن سېتىش بىرلىكىدىكى يېمەكلىك ئورالمىسىنىڭ سىرتىغا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ تەستىق نومۇرىنى ئەسكەرتىش ھەمدە يېمەكلىك سۈپەت بىخەتەرلىك بازارغا كىرىش بەلگىسىنى قوشۇمچە قىستۇرغاندىن كىيىن ئاندىن زاۋۇتتىن چىقىرىپ سېتىش كېرەك . ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامە بەلگىسى بولمىسا زاۋۇتتىن چىقىرىپ سېتىشقا بولمايدۇ . 

رولى : 

 

1)    بازارغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ، ئېتىراپ قىلىنىش بولسا مەھسۇلاتنىڭ بازارغا كىرىشتىكى ئۈنۈملۈك يول خېتى . 

 

2)    يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشنى قېلىپلاشتۇرۇش بولسا ياخشى بولغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تايىنىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدۇر . 

 

3)    مەھسۇلات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش : سۈپەت تۈزۈلمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلىشى ئارقىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ، سۈپەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ، ئۆلچەمسىز مەھسۇلاتنى ئازايتقىلى ، شۇ ئارقىلىق مەھسۇلات سۈپىتىگە ئۈنۈملۈك ھالدا كاپالەتلىك قىلىپ ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ مۇقىملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ 

 

4)    باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش : قىلىپلاشتۇرۇلغان ھالدا ھەربىر تۇردىكى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتىغا نىسبەتەن كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

 

5)    تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش : باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ، ھەربىر خىزمەتچىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، بايلىقتىن ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ، كارخانا ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<