ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

مالىيە دېرىكتورى

مالىيە دېرىكتورى

 

ئىش ئورنى-مالىيە دېرىكتورى                           تارماق-مالىيە بۆلۈم

ئۈسىتىدە- باش دېرىكتور                               ئاسىتدا- بوغالتىر ، كاسىسىر

1.مالىيە تۈزۈملىرى ۋە خامچوتلارنى تۈزىدۇ:

(1) شىركەتنىڭ تۈرلۈك مالىيە تۈزۈملىرىنى، ئىچكى كونتىروللۇق ۋە باھالاش تۈزۈملىرىنى تۈزىدۇ.

(2) تىكلەنگەن مالىيە تۈزۈملىرىنى يۈرگۈزۈپ ۋە يۈرگۈزۈلىشىنى نازارەت قىلىپ، شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

(3) شىركەتنىڭ ئېلىم-بېرىم ۋە مەبلەغ پىلانىنى تۈزىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم ئىجرا قىلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ، پىلاننىڭ ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەلىك تەھلىل قىلىدۇ.

2. مالىيە خام چوتى:

(1) ھەرقايسى بۆلۈملەردىكى چىقىملارنىڭ پىلاندىكىدەك بولىشىنى نازارەت قىلىدۇ، شىركەت تىجارىتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ھەر ۋاقىت تەننەرخىنى كونتىرول قىلىش لاھىيەسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىدۇ.

(2) تەننەرخىنى مۆلچەرلەش، كونتىرول قىلش، ھىسابات قىلىش، تەننەرخ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ چىقىم-راسخوتلرىنى تىجەش ئىشلرى بىلەن شوغۇللىندۇ.

3.مالىيە ئانالىزى ۋە مالىيە مۆلچەرىدە:

(1) پۈتكۈل كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي ھىسابات خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، بوغالتىرلارنىڭ ھېسابات دوكلاتلىرىنى، سىتاستىكا دوكلاتلىرىنىڭ  تۈزۈلمىسىنى بېكىتىدۇ ۋە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.

(2) بوغالتىر خادىملارنىڭ ھىسابات ئىشلرىنى ياخشى، ئېنىق، دەل ۋاقتىدا، پۇختىلىق بىلەن ھېساباتقا كىرگۈزۈش، ھېساب-كىتاب قىلىش، ھېساب ئۆتكۈزۈش، دەل ۋاقتىدا بوغالتىرلىق ھېسابات ماتىرياللىرى بىلەن تەمنىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.
4.مالىيە ئانالىزى ۋە مالىيە مۆلچەرىدە:

(1) قەرەلىك ياكى قەرەلىسىز تەشكىللىك مالىيە ئانالىزى ئېلىپ بېرىش، مالىيە ئانالىز دوكلاتىنى تاپشۇرۇش، كارخانا تىجارىتى ئۈچۈن تەدبىر ئاساسى بىلەن تەمنىلەش.

(2) يېڭىدىن مەبلەغ سېلىندىغان تۈرلەرگە قارىتا مۆلچەر بىلەن خەۋىپ-خەتەر تەھلىلىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش.

(3) شىركەتنىڭ زور، مۇھىم مالىيە مەسلىلىرىگە تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىش، پىكىر ياكى كۆز-قاراشلارنى تاشلاش.

5.ئىقتىسادىي كونتىروللۇق ۋە نازارەتتە:

(1) ئىچكى قىسىمدا تۈزۈملەرنى كونتىرول قىلىش، تەشكىلىي شەكىلدە مالىيە نازارىتنى يولغا قويۇش، شىركەتتىكى ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ كونتىرول قىلىش ھالىتنىڭ ياخشى يۈرۈشتۈرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش.

 (2)  مالىيە خىزمەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرىنى بېكىتىش، ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋاللىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ھەر قايسى تارماق ئورگانلارنىڭ مالىيە خىزمەتلىرىنى قەرەلىك باھالاپ تۇرۇش.

(3) كارخاننىڭ مالىيىسىنى تەپتىش قىلىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

6.دەسمايىنى باشقۇرۇشتا:

(1) باش دېرىكتۇرنىڭ كۆرسەتمىلرىگە ئاساسەن، مەبلەغ جۇغلاش ئىشلىرىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، مەبلەغ تەمىنلەش ۋە ئىشلىتىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش.

(2)  شىركەتنىڭ كۈندىلىك مەبلەغ ئىھتىياجىغا ئاساسەن، مالىيە نازارەتچىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

7. مالىيە بۆلۈمنىڭ ئىچكى قىسىمىنى باشقۇرۇش جەھەتتە:

(1) مالىيە خادىملىرىنىڭ قوشۇن قورلۇشىغا، تاللاش ۋە تەقسىملەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

(2) بۆلۈم خادىملىرىنىڭ مالىيە بىلىملىرى جەھەتتە تەربىيلىنىش ئىشلىرىنى تەشكىللەيدۇ.

(3) مالىيە خىزمەتلىرىگە يىتەكچىلىك، نازارەت قىلىش ھەمدە كەسپىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالايدۇ.

 

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<