ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى

كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش

 

شىركىتىمىز كارخانا ئۆلچىمىنى لايىھەلەپ تەييارلاشتىن تارتىپ ئەنگە ئالدۇرۇشقىچە بولغان بىر قاتار كەسپىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ ، تۈرلۈك سانائەت مەھسۇلاتلىرى ، يېمەكلىك ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ كارخانا ئۆلچىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ تەييارلىغان ئۆلچىمىنىڭ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ، ئەنگە ئالدۇرۇشى تېز ، ھەمدە ئەنگە ئالدۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەھسۇلات ئەمەلىيىتىگە مۇۋاپىق ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە مۇلازىمەت قىلىدۇ .

 

كارخانا مەھسۇلات ئۆلچىمىنى تەييارلاش(يېزىش) ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش مۇلازىمىتى :

 

كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ تولۇق ئاتىلىشى « مەھسۇلات كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » نۇرغۇن ئادەملەر قىسقارتىپلا « كارخانا يېمەكلىك ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » « كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » ، « يېمەكلىك ئۆلچىمىنى ئەنگە ئالدۇرۇش » دەپ ئاتايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى بىر ئۇقۇم . ئەگەردە سىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتنى ئشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىجرا قىلىنۋاتقان دۆلەت ئۆلچىمى ، ساھە ئۆلچىمى يوق بولسا ۋە ياكى سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ تېخنىكا كۆرسەتكۈچى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى،ساھە ئۆلچىمى دىن يۇقىرى بولسا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى » ۋە ئالاقىدار قائىدە -نىزاملىرىغا ئاساسەن ، سىز چوقۇم مەھسۇلاتىڭىزغا ئۆلچەم بېكىتىشىڭىز ھەم بۇ ئۆلچەمنى ئەنگە ئالدۇرۇشىڭىز كېرەك .

 

بۇنىڭدىن سىرت،سىز مەھسۇلات تەكشۈرتۈش ، شۇنىڭدەك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى (QS) ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، كارخانىلارنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان ئۆلچىمى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

مۇلازىمەت دائىرىسى : پۈتۈن شىنجاڭ

 

1 . كارخانا ئۆلچىمى ( مەھسۇلات ئۆلچىمى \ ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى )نى يېزىپ تەييارلاش ، ئۆزگەرتىش

 

2. كارخانا ئۆلچىمى ( مەھسۇلات ئۆلچىمى \ ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى )نى ئەنگە ئالدۇرۇش ، تىزىملىتىش .

 

شىركىتىمىز ۋەدە قىلغان مۇلازىمەت سۈپىتى :

 

1 . شەكلى ۋە يازما ماتېرىيال GB/T 1.1-2009 نىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك .

 

2 . ئىشلتۋاتقان ئۆلچەمنىڭ ھازىر ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش .

 

3.دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قائىدە - نىزاملىرىغا ئۇيغۇن بولۇش .

 

4 . ئۆلچەم ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىش .

 

 

 خېرىدارلار تەمىنلەشكە تېگىشلىك ماتېرىياللار :

 

1. كارخانا ئىسمى ، كارخانا ئەنگە ئالدۇرغان ئادرېسى ( سودا - سانائەت ئىدارىسى تارقاتقان تىجارەت كىنىشكىسىدىكى ئادرېس ئۆلچەم قىلىنىدۇ )

 

2. مەھسۇلات ئىسمى ، تۈرى ، ئۆلچىمى .

 

3. مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى ، مەسىلەن ،  خىزمەت پىرىنسىپى ، ئۇششاق دېتالى ، تۈزىلىشى ، ھۈنەر - سەنئىتى ، كۆرۈنۈشى ، ئىقتىدارى، ئورالمىسى قاتارلىقلار

 

4. تەكشۈرۈش دوكلاتى ، ياكى مەھسۇلات تېخنىكىسىنىڭ پارامېتىرى

 

5. مەھسۇلاتنىڭ باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللىرى ، مەسىلەن چۈشەندۈرۈشى ، رەسىمى ، پاتېنت چۈشەندۈرۈشى قاتارلىقلار

 

6. ئۇنىڭدىن باشقا مەھسۇلات تېخنىكىسى تەلىپىگە ئائىت باشقا ماتېرىياللار .

 

دىققەت : يۇقىرىدىكى 2-6 گىچە بولغانلىرىنى چوقۇم  تەمىنلەڭ دەپ تۇرىۋالمايمىز ، شىركىتىمىز سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزى تەييارلىسىمۇ بولىدۇ .

 

شىركەتنىڭ خىزمەت جەريانى :

 

1 . خېرىدارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىش ( توختام ئىمزالاش )

 

2.  ھازىر قانداق ئۆلچەمنىڭ ئىشلىنۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش

 

3 .ئۆلچەملىك قىلىپ ماتېرىيال تەييارلاش

 

4 . يازغان ماتېرىيالنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ چىقىپ ئۆزگەرتىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش .

 

5 . مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تەييار قىلغان ماتېرىيالنى تاپشۇرۇش ( سۈپەت - تېخنىكا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ، سەھىيە ئىدارىسى ۋە دورا -يېمەكلىك نازارەت قىلىش ئىدارىسى قاتارلىقلار ).

 

 

شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت دائىرسى ھەققىدە 

 

شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇش ،تاۋار ماركىسى ، پاتېنت ھوقۇقىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ، سودا ئوچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش ، شىركەت تور بېتى ياساش ، ئۈندىدار سالونىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ، ياساش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ، ھەرخىل يېمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش (QS بېجىرىش )، سېخ لايىھەلەش ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ، ھەر خىل كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى زاۋۇتى قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، يېمەكلىك ئۆتكۈزۈش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، داۋالاش سايمانلىرى ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ، كارخانا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ،يىللىق تەكشۇرۇتۇش ، كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ،  خەلقئارا سۈپەت باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش  ( ISO 9001  ) ،خەلقئارا يېمەكلىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېما ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (ISO 22000 )، يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئانالىزى ۋە لىمىت كونترول نۇقتىسى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش (HACCP ) ، يېشىل يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ئورگانىك يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، ھالال يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت شىركىتى . 


شىركەت 2015 يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . 



ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى جۇڭۋەن كوچىسى 8-كوچا 15- نومۇر 1- بىنا 101- ئىشخانا
 

تېلېغۇن نومۇرى : 2571846-0991

 

                         15026000904

 

    ئۈنددار :  15026000904

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<