ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بۈگۈن

شىركەت تەۋسىيە ئۇچۇرى

دورا

بىز مۇنداق دېيەلەيمىز: بارلىق يېمەكلىكلەر ھەممىسى دورىلىق ئۈنۈمگە ئىگە، چۈنكى يېمەكلىك ئادەم تىنىنىڭ نورمال ماددا ئالمىشىشىنى قامداشقا كېرەكلىك ماددا، ھالبۇكى دورا بولسا بۇ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدىغان ماددىدۇر. ئادەم بەدىندە مەلۇم خىل ئوزۇقلۇق يىتىشمەي  ماددا ئالمىشىشدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە، ئەگەر بىز يېگەن يېمەكلىك دەل بۇ كەمچىللىكنى تۇلۇقلىسا، ئۇھالدا بۇ يېمەكلىك يېمەكلىكلا بولۇپ قالماستىن بەلكى دورىغا ئايلىنىدۇ.

يېمەكلىكنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسى تولىمۇ كەڭرى، مەسلەن: بەزىبىر خەلق ئارىسىدىكى يېمەكلىكلەر ۋە ياۋا كۆكتات قاتارلىقلارمۇ يېمەكلىك دائىرىسىگە كىرىدۇ، يەنى ھەم يېمەكلىك ھەم دورا ئىككىلىسىگىلا ئورتاق بولغان يېمەكلىكلەر تىزىملىكىمۇ بار. ھازىرغا قەدەر سەھىيە مىنىستىرلىكى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈم يېمەكلىك ھەم دورىغا ئورتاق بولغان تىزىملىكنى ئېلان قىلدى. بىرىنچى تۈركۈم: شاكال بەدىيان، سەي پۇرچاق، زەنجىۋىل، چىلان، پىچەكگۈل، دۇلانە، ئارپا بەدىيان، ئىچكىرىنىڭ بىھىسى، ئېۋفۇرىيە لۇڭيەن قۇۋزىقى، ئاق پۇرچاق، گۈلسامساق، كاۋاۋىچىن، سۇلەيلىسى، قىزىل پۇرچاق، ئۆرۈك مېغىزى، قەنتلىك لامنارىيە، نىلۇپەر ئۇرۇقى، ئۈجمە، كاسىنە، دادۇر قايناتمىسى، قارا كۈنجۈت، قارمۇچ ئۇرۇقى، ھەسەل، تۇررى قارغىيى ئۇرۇقى، ئالقات، ئامىلە دەرىخى، ياڭاق مېغىزى، قارمۇچ، كۈركۈم، زەرچىۋە، قارا قۇيرۇق يىلان، چاريىلان، ياۋا چىلان مېغىزى، چۈچۈكبۇيا، چۈچۈك ئاپلېسىن گۈلى، مومۇردىكا، دارچىن، يۇنۇس ئۇرۇقى، ماندارىن شۈپۈكى، قارا ئۆرۈك، جۇزبۇۋا، داغۇر داڭگۇي، جۇخار گۈلى، (سەبدە گۈلى)، پىننە، ئالۇچا مېغىزى، زەيتۇن، قارا ھېلىيلە، يالپۇز، سېرىنگۈل، خۇلىنجان، كۈمۈش ئۆرۈك، كەندىر ئۇرۇقى، قىزىل ئاپلېسىن، يالغان رەيھان، زاراڭزا، رەيھان؛ ئىككىنچى تۈركۈم: بۇغداي ئۈندۈرمىسى، سىرىق قىچا ئۇرۇقى، ئاق (يېڭى) سەركىچۆپ يىلتىزى، نىلۇپەر يۇپۇرمىقى، ئۈجمە يۇپۇرمىقى، قانىسە (تۇخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى)، سېمىز ئوت، يېڭى قومۇش يىلتىزى قاتارلىقلار. دوكلاتلارغا قارىغاندا تەيۋەنمۇ 45خىيلغا يېقىن دورا ماتېرىيالىنى يېمەكلىك قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنى يېمەكلىك قاتارىدا باشقۇرۇش ھەمدە سېتىلغاندا دورا ئسمى بىلەن سېتىلسا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. تۇنجى تۈركۈمدە يېمەكلىك قاتارىغا كىرگىزۇلگەن دورا تۆۋەندىكىچە: ئادەمگىياھ، ئالقات، كىرەش، كاشىم، ئاق چۇغلۇق، پىششىق ئەگرى سۇناي، قانتىپەر، گاستىرۇدىيە ئوتى، نىلۇپەر ئۇرۇقى، سۇلەيلىسى، پىچەكگۈل، دۇلانە، قارا ئۆرۈك، ياڭاق، قارىغاي ئۇرۇقى، سىتىركۇلىيە دەرىخى، گۈلسامساق، ئاق مۇر، كۇمۇش ئۆرۈك، قارا چىلان، سىرىنگۈل  سىانىد، قۇۋزاق دارچىن، كاۋاۋچىن، شاكال بەدىيان، دارچىن شېخى، ئاپلېسىن پوستى، قۇرت ئوت، چۈچۈكبۇيا، تۈكلۈك قاقىلە، قىزىل چىلان، سەبىدە گۈلى، شاقاقۇل، تارانتاس، نىلۇپەر يوپۇرمىقى، چىلان مېغىزى، قانىسە قاتارلىقلار. يېمەكلىكنىڭ داۋالاش رولىنى ئاشۇرۇپ تەشۋىق قىلىشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن، يېمەكلىك ھەم دورا ئورنىدىكى بۇ ماتېرىياللارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا ئىشلەپچىقارغان بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرگە قارىتا ئۇنىڭ داۋالاش رولى ياكى ساقلىقنى ساقلاش رولى بارلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى. كونكرېت مەزمۇنى تۇۋەندىكىچە:

تەشۋىق قىلغاندا «دورىلىق يېمەكلىك»، «ساقلىقنى ساقلايدىغان يېمەكلىك»، «قۇۋۋەتلىك يېمەكلىك»، «تۇلۇقلىغۇچى يېمەكلىك»، «ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان يېمەكلىك» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك؛

«ياشارتىدۇ»، «ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ»، «ئاق چاچنى قارايتىدۇ»، «چىشنى چىڭىتىدۇ»، «قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راكقا قارشى تۇرىدۇ»، «ئەجدادلاردىن قالغان مەخپى رېتسىپ»، «ئوردا مەخپى رېتسىپى» دېگەن سۆزلەرنى بەك تەشۋىق قىلماسلىق كىرەك؛

يېمەكلىكنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۇنىڭ دورىلىق ئۈنۈمىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولىنى يۇشۇرۇنچە تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ. يېمەكلىك نېمىشقا دورىلىق ئۈنۈمگە ئىگە بولالايدۇ؟ بۇنى يېمەكلىك تەركىبىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئادەتتە يېمەكلىك تەركىبىدە سۇ مىقدارى بولۇشتىن باشقا، يەنە ئېنېرگىيە بار بولىدۇ. يېمەكلىكنىڭ ئاساسىي ئوزۇقلۇق تەركىبى مونۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ماي، ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، بۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىقلار بار.

يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئالاھىدە تەركىبلەر يېمەكلىكنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلىنىشلىق، مەسىلەن: يېمەكلىكنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى قاتارلىقلارنى تۈزىدىغان ھەر خىل تەركىبلەر ۋە باشقا ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك تەركىبلەر، جۈملىدىن بىئولوگىيلىك ئىشقار، بىئوئېنزىم، گلۇكوزا، كۈينون، جەز، فىنال فىنونلار، تىرپىنوئىدلار، يەنە بەزىلىرى بولسا يېمەكلىك ئىچىدىكى زەھەرلىك تەركىبلەردۇر.

يېمەكلىكنىڭ كېسەل داۋالاش ۋە دورىلىق ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىش يېمەكلىك بىلەن داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ. دىيارىمىزنىڭ يېمەكلىك بىلەن داۋالاش تارىخى ئۇزۇن، تەجرىبىلەر مول. يېمەكلىك بىلەن داۋالاشنىڭ ئاساسى بولغان پەنلەردىن مۇنۇلار بار: «ئىقتىسادشۇناشلىق»، «ئاشپەزلىك»، «يېمەكلىك ياسىلىش ئىلمى»، «فولىكلور»، «ئەدەبىيات»، «ئىستېتىكا»، «ھۈنەر سەنئەت»، «ئوزۇقشۇناسلىق»، «ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك ئىلمى»، «داۋالاش ئىلمى»، «بەدەن ئاسراش ئىلمى» قاتارلىقلار. ھازىرقى مېدىتسىنا شەكلى نوقۇل ھالدىكى بىئولوگىيىلىك تېبابەتتىن جەمئىيەتشۇناسلىق، پسىخىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېبابەت شەكلىگە ئۆزگەردى، كېسەللىك تۈرى ۋە مۇھىم نۇقتىلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بەردى.

يېمەكلىك بىلەن داۋالاش بىر خىل تەبىئى ئۇسۇلدا داۋالاش بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. يېمەكلىك بىلەن داۋالاشنىڭ قەدىمى ۋە زامانىۋى تەتقىقاتىدا «ئالاھىدە قۇۋۋەتلىك يېمەكلىك»، «دورىلىق يېمەكىك» ۋە «قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى» قاتارلىق مول مەزمۇنلار بارلىققا كەلدى.

 

分享到 微信 更多

copyright ©2016 ATAMAN.ALL Rights Reserved |  Designed by Dildost Co.,Ltd | 新ICP备17000259号-1 新公网安备 65010202000416号

<